باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قىرغىزىستان، تاجىكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىكەن

2013.02.04 17:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «چېگرىسىز مۇخبىر» تەشكىلاتى ئېلان قىلغان يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى تىزىملىكىدە، قىرغىزىستان 106-ئورۇندا تۇرغان.

  ئاممىۋى تاراتقۇلار كەڭ ۋە كۆپ خىللاشقان ھەمدە ئۇلارغا قارىتا دۆلەتنىڭ ئاخبارات تەكشۈرۈش سالمىقى بىر قەدەر تۆۋەن بولغانلىقتىن، 2012-يىلى قىرغىزىستاننىڭ ئورنى ئىككى ئورۇن ئۆرلىدى، قىرغىزستاننىڭ رەت تەرتىپى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇردى. بىراق، تېزىملىك تۈزگۈچى كىشى مۇنداق دەپ قارىدى: قىرغىزىستاندا ئاممىۋى تاراتقۇلار، مۇستەقىل تاراتقۇلار ۋە مۇخبىرلارنىڭ خىزمەت شارائىتىغا چېتىشلىق مۇھىم مەسىلىلەر ھەل قىلىنىشى كېرەك .

  2012-يىلى قازاقىستاننىڭ ئورنى ئالتە ئورۇن تۆۋەنلەپ، 160-ئورۇندا تۇردى. «چېگرىسىز مۇخبىر» تەشكىلاتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، قازاقىستاندا زىيانكەشلىك قىلىش، تۇتقۇن قىلىش ۋە مۇخبىرلارنى قورقۇتۇش، قاماپ قويۇشتەك تاراتقۇلارغا قارشى چىقىش ھادىسىلىرى بار.ئۆزبىكىستان 164-ئورۇنغا تىزىلىپ، ئورنى يەتتە ئورۇن تۆۋەنلىدى. تۈركمەنىستاننىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش بولماي يەنىلا 177-ئورۇندا تۇردى. رەت ـ تەرتىپنى تىزغۇچى بۇ ئىككى دۆلەتنى « مۇخبىرلارنىڭ قاباھىتى» دەپ ئاتىدى.

  خەۋەر ئەركىنلىكىنىڭ رەت ـ تەرتىپكە تىزىلىشى جەمئىي 179 دۆلەتكە چىتىلىدۇ. 1-ئورۇندا تۇرىدىغىنى فىنلاندىيە، 2-ئورۇندىكىسى گوللاندىيە، قالغانلىرى نورۋىگىيە ۋە ليۇكسىمبۇرگ.

  رۇسىيە 148-ئورۇنغا تىزىلىپ، بولتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئالتە ئورۇن تۆۋەنلىدى. ئەزەربەيجان 156-ئورۇنغا تىزىلدى. ئۇكرائىنا بۇلتۇرقىدىن 11 ئورۇن ئۆرلەپ 126-ئورۇندا تۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە