باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن سۆز

ئەركىن ئىمىرباقى

2013.02.04 15:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (2013–يىل 1–ئاينىڭ 31–كۈنى)

  ۋەكىللەر، يولداشلار:

  بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندىم، بۇ پارتىيە ۋە خەلق ماڭا ئىشىنىپ تاپشۇرغان ئېغىر مەسئۇلىيەت. بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممەمگە ئېلىپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، ھەر مىللەت خەلققە سادىقلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىمنى سەمىمىي ئادا قىلىپ، ئومۇمىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى جان – دىلىم بىلەن ئورۇنداپ، پاك – دىيانەتلىك بولۇپ، ئۆمۈربويى ئىزدىنىۋاتقان غايەم ۋە ئېتىقادىم، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشى، ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى، ئامانلىق ۋە سالامەتلىكى ئۈچۈن ھارماي – تالماي تىرىشىپ، بار كۈچۈمنى سەرپ قىلىمەن.

  بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل شىنجاڭنىڭ ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن ھالقىلىق مەزگىل. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر، بۇرچى شەرەپلىك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، بارلىق ۋەكىللەرنىڭ نازارەت قىلىپ مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا، ياخشى ئەنئەنە، ياخشى ئىستىلىمىزنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا، ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك قانۇن – تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى قەتئىي ئېغىشماي كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئىززەت – ئابرۇيى ۋە نوپوزىنى قەتئىي ئېغىشماي قوغدايمىز.

  ۋەكىللەر، يولداشلار! شىنجاڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا بېسىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق كۈرەشچان يىللارغا شاھىت بولغانلىقىمىز ۋە مۇشۇنداق كۈرەشكە ئاتلانغانلىقىمىزدىن روھلىنىۋاتىمىز ۋە ئىپتىخارلىنىۋاتىمىز. ئورتاق بۇرچ بىزنى ئىلھاملاندۇرماقتا، ئۇلۇغ نىشان بىزنى چاقىرماقتا، مۈشكۈل ۋەزىپە بىزنى ساقلىماقتا.

  بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قەلب ۋە كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، شىنجاڭ زېمىنىدا كۈرەش ئىزىمىزنى قالدۇرۇپ، قان – تەرىمىز بەدىلىگە گۈزەل شىنجاڭنىڭ جۇلالىق سەھىپىسىنى ئاچايلى!

  كۆپچىلىككە رەھمەت!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە