باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن ئاتاقلىق پەن-تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى يوقلىدى

2013.01.31 17:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ليۇ يۈنشەن دۆلەت ئالىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاكادېمىك ۋۇ لياڭيوڭنى يوقلىدى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 31-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى: چاغان ھارپىسىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى ليۇ يۈنشەن باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، دۆلەت ئالىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاكادېمىك ۋۇ لياڭيوڭ بىلەن ئاكادېمىك شى چاڭشۈنى يوقلىدى، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم چاغىنىنى مۇبارەكلىدى.

  ليۇ يۈنشەن 30-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئاتاقلىق بىناكارلىق ئالىمى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋۇ لياڭيوڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ سالامەتلىك، تۇرمۇش، خىزمەت ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بىناكارلىق ئوقۇتۇشى، پەن تەتقىقات، ئەمەلىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ياراتقان قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈردى، ئۇنىڭ «بىر ئۆمۈر بىر ئىشنى ياخشى قىلىش»تىن ئىبارەت قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش روھىغا چوڭقۇر قايىل بولدى. ۋۇ لياڭيوڭ ئۆزىنىڭ ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، جۇڭگونىڭ تۇرالغۇ تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، يەنە ئېلىمىزنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە، بىناكارلىقتىكى باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق ئۈچ تەكلىپ بەردى. ليۇ يۈنشەن ئاتاقلىق ماتېرىيال ئالىمى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شى چاڭشۈنى يوقلىغاندا، ئۇنىڭ ماتېرىيال تەتقىقات ساھەسىگە قوشقان غايەت زور تۆھپىسىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇدى، شى چاڭشۈ ئالاقىدار تەرەپلەرگە دۆلەتنى پەن-مائارىپقا تايىنىپ گۈللەندۈرۈش باش تېمىسىدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىغا ياخشى تەشكىللەپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىدىغان زور بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى چىڭ تۇتۇپ يېتىشتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى. ۋۇ لياڭيوڭ بىلەن شى چاڭشۈ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتتى، باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئالاھىدە قۇۋۋەتلىدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەمەلىيەتچىل ئىستىلىغا يۈكسەك باھا بەردى.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش-جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ گۈزەل ئارزۇسى، ۋۇ لياڭيوڭ، شى چاڭشۈ قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئالىملار يۈكسەك غايىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، نام-ئاتاق، مەنپەئەت قوغلاشماي ئىشلەپ كەلدى، بارلىق پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئۇلارغا ئوخشاش ئىلىم-پەن روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيەنىڭ زىيالىيلار سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمگەك، بىلىم، ئىختىساسلىقلار، ئىجادىيەتنى ھۆرمەتلەپ، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالغا بېسىشى، ماھارىتىنى كۆرسىتىشىگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى لازىم. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى بىللە يوقلىدى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى كومىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ھەمراھ بولۇپ يوقلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە