باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول، تاشيوللاردا بايرامنىڭ ئالدىدىكى يۇقىرى پەللە يېتىپ كەلدى

2013.02.05 16:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: يەنە بەش كۈندىن كېيىن چاغان يېتىپ كېلىدۇ، يېقىندا بەزى رايونلاردا قار ئارىلاش يامغۇر ياغقان بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە قايتىش قەدىمى ئۈزۈلمىدى. مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول، تاشيوللاردا بايرامدىن ئاۋۋالقى يۇقىرى پەللە يېتىپ كەلدى. قاتناش تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇنداق كۆپ يولۇچىلار ئېقىمى بايرام كەلگىچە ئىزچىل داۋاملىشىدىكەن. قاتناش تىرانسپورت تارمىقىدىن كەلگەن ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا، تۈنۈگۈن مەملىكەت بويىچە تاش يوللاردا توشۇلغان يولۇچى 88 مىليون 288 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ كۈندىكىدىن %11.3 كۆپەيگەن. بۇ، ئالدىنقى بىر كۈندىكىدىن تەخمىنەن 10 مىليون ئادەم قېتىم كۆپ توشۇغانغا باراۋەر.

  تۈنۈگۈن شاڭخەيدىن ئەنخۇي، جياڭشى، جېڭجۇ قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك يولۇچىلار تىرانىسىپورتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، ۋۇخەن تۆمۈر يول ئىدارىسى تەۋەسىدە يولۇچىلار ئېقىمى %24 كۆپەيدى، چېڭدۇ تۆمۈر يول ئىدارىسى تەۋەسىدە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.5 كۆپەيدى. نەنجىڭ، خاڭجۇ، كۇنمىڭ قاتارلىق جايلاردىكى ۋوگزاللاردىمۇ يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلدى. جايلاردىكى تۆمۈر يول ئىدارىلىرى ۋاقىتلىق پويىز قوشۇش، ۋاگون قوشۇش قاتارلىق ئۇسۇللاردا تىرانسپورت كۈچىنى ئاشۇردى. 5-فېۋرالدىن باشلاپ، جىنەن تۆمۈر يول ئىدارىسى قىسمەن قىسقا مۇساپىلىك قاتتىق كارىۋاتنى قاتتىق ئورۇندۇققا ئۆزگەرتىپ بېلەت ساتتى.

  كۆپچىلىكنى خاتىرجەم چاغان ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تۈنۈگۈن تۆمۈر يول تارماقلىرى ئىنتېرنېت تورى ۋە تېلېفوندا بېلەت زاكاز قىلىپ ئالدىن سېتىش مۇددىتىنى بىرئاز تەڭشىدى، چاغاننىڭ ھارپىسى ۋە چاغاننىڭ 1-كۈنى يېڭى بېلەت ساتمايدىغان بولدى، چاغان ھارپىسى ۋە چاغاننىڭ 1-كۈنى سېتىلىدىغان 27-،28- فېۋرالنىڭ پويىز بېلىتىنى 8-فېۋرال سېتىشقا ئۆزگەرتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە