باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى

2013.02.04 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى. بۇ ئىسىملىك 2-ئاينىڭ 1-كۈنى سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى تەكلىپ قىلىنغان نامزات ئىسىملىكىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، كېڭىشىش ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى 2237 نەپەر بولۇشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ئەزالىرىدىن داۋاملىق ئەزالىققا كۆرسىتىلگەنلەر 1157، يېڭىدىن كۆرسىتىلگەنلەر 1080 نەپەر؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزاسى 893 نەپەر، جۇڭگو كوممۇنىستىك ئەزالىرىدىن باشقىسى 1344 نەپەر؛ ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئەزا 258 نەپەر؛ ئايال ئەزا 399 نەپەر؛ ئالىي تېخنىكومدىن يوقىرى ئوقۇش مەلۇماتىغا ئىگە ئەزا 2124؛ كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 56.1.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر