باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۇرغۇن ئۆلكە-شەھەرلەر ئىستىل ئۆزگەرتىش بەلگىلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رەھبەرلەرنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى

2013.02.04 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۇرغۇن ئۆلكە-شەھەرلەر «ئىستىل ئۆزگەرتىش» بەلگىلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رەھبەرلەرنىڭ تەدرىجىي دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن خاس ماركىلىق ئاپتوموبىللاردا ئولتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى؛ بۇرۇنقى ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنىڭ تىپ كاتالوگى «ئەمەلدىن قالدى».

  ئاپتوموبىل كەسپىدە ئۈزلۈكسىز مۇراجىئەت قىلىنىۋاتقان «ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبەرلەر باشلامچىلىق قىلىپ خاس ماركىلىق ئاپتوموبىللاردا ئولتۇرۇش» ئىشىدا يېقىنقى بىر ئايدا ماھىيەت خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەر بولدى.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ئۆلكىلەر كەينى-كەينىدىن ئىجرا قىلىش بەلگىلىمىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلاتىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە نىڭشيا، خۇنەن، گەنسۇ، شىنجاڭ قاتارلىق كۆپلىگەن ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ھۆكۈمەتلەر ھۆججەت چىقىرىپ، رەھبەرلەر ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئالماشتۇرغاندا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن خاس ماركىلىق ئاپتوموبىلنى تاللىشى لزىملىقىنى بەلگىلىدى.

  كەسىپكارلار «ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبەرلەردىن باشلاپ، تەدرىجىي دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن خاس ماركىلىق ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇش» شۈبىھسىزكى خاس ماركىلىق ئاپتوموبىللارنى يۆلەش چارىلىرىنىڭ بىرى، دەپ قاراشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردا خاس ماركىلىق ماشىنىلارنى ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى قىلىپ تاللاش باشلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە