شيامېن شەھەرلىك تۆمۈريول ساقچى ئىدارىسى قىستۇرما دېتالدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق بىلەن بېلەت سېتىۋېلىش، سېتىۋالغان بېلەتنى ھاينىغا سېتىش دېلوسىنى پاش قىلدى
2013.02.04 16:43 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، يېقىندا شيامېن شەھەرلىك تۆمۈريول ساقچى ئىدارىسى قىستۇرما دېتالدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق بىلەن بېلەت سېتىۋېلىش، سېتىۋالغان بېلەتنى ھاينىغا سېتىش دېلوسىنى پاش قىلىپ، 3 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى. نەق مەيداندا نۇرغۇنلىغان بېلەت زاكاس قىلىش تالونى، بېلەت ئالدامچىلىقى قىلىشقا ئىشلىتىلگەن 2 كومپيۇتېر، 6 يانفون قولغا چۈشۈرۈلدى. (مۇخبىر جاڭ ياڭ، جيا گولياڭ؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە