دۆلىتىمىزدىكى پەۋقۇلئاددە چوڭ چېگرا ئاتلىغان تېلېگراف ئالدامچىلىقى دېلوسى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىندى، 91 جاۋابكار جازالاندى
2013.02.04 16:41 مەنبە: خەلق تورى
2013-يىل 2-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ شەھرى چاۋياڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان «10-مارت» چېگرا ئاتلاپ تېلېگراف ئالدامچىلىقى قىلىش پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلوسىنى 1-سوتتا قاراپ چىقتى. پېڭ فارۇڭ، لى يىڭ قاتارلىق 91 جاۋابكارغا ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 8 يىلدىن 1 يىلغىچە ئوخشاش بولمىغان مۇددەتتە قاماق جازاسى بېرىلدى ھەمدە 8000 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە