باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قازاقىستاندىكى يەر تەۋرەشتە ئىلى، ئاقسۇدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى (1)

2013.01.31 15:11         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

شات يېزىسىدىكى كادىرلار خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئالماقتا
  29-يانۋار سەھەر سائەت 0 دىن 3 مىنۇت ئۆتكەندە ، قازاقىستاندا (شىمالىي كەڭلىك 42.6 گىرادۇس ، شەرقىي مېردىئان 79.7 گىرادۇس) 6.1 بال يەر تەۋرىگەن ، تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 20 كىلومېتىر بولۇپ ، شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە ئىلى ئوبلاستىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا روشەن تەۋرەش سېزىمى بولغان . ئىلى ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ نۇرغۇن ناھىيە ، شەھەرلىرىدە بىر قىسىم ئۆيلەر ئۆرۈلگەن ياكى قىسمەن دەرىجىدە بۇزۇلغان ، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان .

  ئەڭ يېڭى خەۋەر : ئىلى ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بىر قىسىم ناھىيە (شەھەر) لەر قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ تەڭرىتاغ يېزىسى ، شات يېزىسىنىڭ تەۋرەش مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن بولۇپ ، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىغان . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 20-يانۋار سائەت 20 گىچە ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە بەش ناھىيە ، شەھەردىكى 5681 ئائىلىلىك 20 مىڭ 421 ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، 3209 ئائىلىلىكنىڭ 7458 ئېغىز ئۆيى بۇزۇلغان ، 78 ئائىلىلىكنىڭ 216 ئېغىز ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 60 مىليون يۈەندىن ئاشقان .

  29-يانۋار سائەت 18:30 دە ، كەلپىن ناھىيەسى ، ئاۋات ناھىيەسى ، ئونسۇ ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا ئۆيلەر ئۆرۈلۈش، يېرىلىش ، سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىلىرى ۋە مەكتەپ، سىنىپ تاملىرى يېرىلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 40 مىليون يۈەندىن ئاشقان .
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە