باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى قىز ستۇدېنتلارنىڭ جىنسىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇشىنى قوللىدى

2013.02.01 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق 8 شەھەردىن كەلگەن قىز سىتۇدېنتلارنىڭ قىسمەن كارخانىلارنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش جەريانىدىكى جىنسىي كەمسىتىشنى كوللېكتىپ پاش قىلغانلىقىغا قارىتا، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 31- يانۋار قىز سىتۇدېنتلارنىڭ جىنسىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرغانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇنىڭغا قارىتا، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ھوقۇقنى قوغداش ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇتەخەسىسى جياڭ يۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: 8 جايدىن كەلگەن قىز سىتۇدېنتلارنىڭ قىسمەن كارخانىلارنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش جەريانىدىكى جىنسىي كەمسىتىشنى كوللېكتىپ پاش قىلىپ ھوقۇقىنى قوغدىشى تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىشى، خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتىكى جىنسىي كەمسىتىشنى توسۇشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە