باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا يول يۈزى مۇز تۇتۇپ كەتكەنلىكتىن 2000 قېتىمدىن ئارتۇق قاتناش ھادىسىسى يۈز بەردى

2013.02.01 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى.تۆنۈگۈن چۈش سائەت 11 گىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى 122 ساقچىغا مەلۇم قىلىش پونكىتىنىڭ 2000 قېتىمدىن ئارتۇق قاتناش ۋەقەسى توغرىسىدىكى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، ئاز دېگەندە 2 ئادەمنىڭ قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 120، 999 ئىككى جىددىي قۇتقۇزۇش لىنىيەسى يىقىلىپ چۈشۈپ ياردەم تەلەپ قىلىش تېلېفونىدىن 200 دىن ئارتۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغان، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر قايسى چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ سۆڭەك بۆلۈمىدە بىمارلار توشۇپ كەتكەن.

  شەھەرلىك ھاۋا رايى ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يېقىندا، بېيجىڭدا تېمپىراتۇرا ئىزچىل نۆلدىن تۆۋەن بولۇپ، قار يەر يۈزىگە چۈشۈپ، ناھايىتى ئاسانلا مۇز قېتىپ قالىدىكەن. شۇڭا شەھەر ئاھالىىسى يول يۈرگەندە كۆپرەك دىققەت قىلىپ، تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە