- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يىچاڭ كۆۋرۈكىدە ماشىنا پارتلاپ، 26 ئادەم قازا قىلدى
2013.02.01 15:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
1-فېۋرال،ئەتىگەن سائەت 9:03 مىنۇت ئۆتكەندە، پوجاڭزا توشۇپ ماڭغان بىر يۈك ماشىنىسى خېنەن سەنمىنشيادىكى يىچاڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، تۇيۇقسىز پارتلاپ كېتىپ، 26 ئادەم قازا قىلغان. كۆۋرۈكنىڭ جەنۇبىي يېرىمى پارتلاشتا گۈمۈرۈلۈپ كەتكەن،. بۇ كۆۋرۈك لىيەنيۈنگاڭ ــ قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىنىڭ بىر كۆۋرۈكى بولۇپ، يەر يۈزىدىن نەچچە ئون مېتىر ئېگىزلىكتە ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ يولنىڭ ئىككىلا يۆنىلىشىدە قاتناش توختاپ قالغان. نەچچىلىگەن ماشىنىلار كۆۋرۈكنىڭ گۈمۈرۈلۈپ كەتكەن يېرىدىن پەسكە چۈشۈپ كەتكەن. شىمالى يېرىم يول يۈزىمۇ بوشاپ كەتكەن، يول يۈزى كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن، كۆۋرۈك ئاستىدا چۈشۈپ كەتكەن ماشىنىلارنىڭ قالدۇقلىرى ھەممىلا يەرگە چېچىلىپ كەتكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە