باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ نامراتلارنى يۆلەش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە

2013.01.31 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30- يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كونا پىكىر قىلىش قېلىپىنى ۋە ئىلگىرىكى ئۇسۇل، ۋاسىتىسىنى ئۆزگەرتىپ، نامراتلارنى يۆلەش قارىشىدا پائال يېڭىلىق يارىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش تەرەققىي قىلدۇرۇش، چېگرا رايونلاردا نامراتلارنى يۆلەش، تاغلىق رايونلاردا نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى يۆلەشتىكى كۇزۇر كارخانىلارغا ئۆسۈم جەھەتتە ئېتىبار بېرىش، قاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىلىرىنى قولغا كەلتۈردى.

  2011-يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون ھەر يىلى مالىيەدىكى نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن290 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، 299 تاغلىق رايوندىكى ئالاھىدە نامرات كەنتنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا ئىشلەتتى، يولغا قويۇش جەريانىدا ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىك ئەھۋالى، كىلىمات ئالاھىدىلىكى، تېرىلغۇ يەرنىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسى، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچلەرگە ئاساسەن تاغلىق رايوندىكى 299 نامرات كەنتنى ئىلمىي بېكىتتى شۇنداقلا مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى تۈرىنى يېتەكچى قىلىپ، كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، زامانىۋى چارۋىچىلىق، ئالاھىدە تېرىقچىلىق، ئالاھىدە ھۈنەر سەنئەت، تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى، ئاساسىي كاپالەت، ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى، ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش، ئېكولوگىيە بايلىقىنى قوغداش، ئادەم كۈچى بايلىقىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش قاتارلىق 9 چوڭ قۇرۇلۇشنى مەركەزلىك يولغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرى %65 دىن ئاشتى.

  2012-يىلى مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش، كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش، شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى ئورۇنلار نامراتلارنى يۆلەشدىن ئىبارەت 4 چوڭ كۈچنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا شىنجاڭنىڭ نامرات رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى پەرق يەنىمۇ كىچىكلىدى، تولۇقسىز مەلۇماتقا قارىغاندا، 2012-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە نامرات رايونلارغا سېلىنغان تۈرلۈك مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارى20 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردا كىرىمى تۆۋەن نوپۇستىن 300مىڭدىن كۆپرەكى ئازلىغان، نامرات رايونلاردا دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 600 يۈەندىن كۆپرەك ئاشقان، نامرات رايونلارنىڭ ئوتتۇرىچە مالىيە كىرىمى ۋە ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  2013-يىلى شىنجاڭ دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە شەھەرلەردىكى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى %13 ئاشۇرۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشقا بەل باغلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە