- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلىتىمىزدىكى ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر تۇنجى قېتىم 200 مىليوندىن ئاشتى
2013.02.01 15:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 30-يانۋاردىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 2012-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ماتورلۇق ئاپتوموبىلنىڭ مۇقىم سانى 240 مىليونغا يەتكەن، ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەرنىڭ سانى 260 مىليونغا يەتكەن. ئاپتوموبىللارنىڭ تۇراقلىق سانى 120 مىليونغا، يىلدا 15 مىليون 100 مىڭ ئاپتوموبىل كۆپىيىپ، ئۆسۈش نىسبىتى 1999-يىلىدى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ تۇراقلىق سانىدىن ئېشىپ كەتكەن. 18 ئوتتۇرا-چوڭ شەھەردىكى ئاپتوموبىللارنىڭ تۇراقلىق سانى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. ماشىنا ھەيدىگۈچىلەر تۇنجى قېتىم 200 مىليوندىن ئېشىپ، بىر يىلدا 26 مىليون 470 مىڭى كۆپىيىپ، ئېشىش مىقدارى 1997-يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ماشىنا ھەيدىگۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانىدىن ئېشىپ كەتكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە