باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1–يىغىنى يېپىلدى (1)

2013.02.01 16:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۇرلان ئابىلمەجىن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە؛ ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، مەۋكەن سىيىتقامزا، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، چېڭ جىڭشەن، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى جاڭ چۈنشيەن، نۇرلان ئابىلمەجىن ئايرىم–ئايرىم سۆز قىلدى

  ئالتە كۈن داۋام قىلغان جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسىلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1– يىغىنى تۈرلۈك كۈنتەرتىپلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ، 30–يانۋار چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  بۈگۈنكى يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 526 بولۇپ، ئەمەلىي قاتناشقان ئەزا 485، بۇ سىياسي كېڭەشنىڭ نىزامنامىسىگە ئۇيغۇن.

  30–يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1–يىغىنى 3–قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، سايلام چارىسى، باش بېلەت نازارەتچىسى ۋە بېلەت نازارەتچىلىرى ئىسىملىكىنى ماقۇللىدى، سايلام ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپ ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى. نۇرلان ئابىلمەجىن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە، ليۇيەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، مەۋكەن سىيىتقامزا، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، لىيۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، چېڭ جىڭشەن، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى؛ ليۇ جىنچياڭ باش كاتىپلىققا سايلاندى. ئابباس مۇھەممەد قاتارلىق 107 كىشى دائىمىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلاندى.

  يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە باش كاتىپى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە