باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى1–يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى (1)

(2013–يىل1–ئاينىڭ30–كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى1–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2013.02.01 16:33        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1– يىغىنى 2013–يىل 1–ئاينىڭ 25–كۈنىدىن 30–كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

  يىغىندا يولداش ئەسقەت كەرىمباينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى، يولداش لى شياڭلىننىڭ 10–نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەمدە قاراپ چىقىپ تەستىقلاندى، ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى؛ ئەزالار ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1– يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەمدە مۇزاكىرە قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2012–يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2013–يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2012–يىللىق مالىيە خامچوت ئىجراسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2013– يىللىق مالىيە خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: ئۆتكەن بەش يىل ئالاھىدە بەش يىل بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭچە ئۈنۈمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، شىنجاڭچە ئىقتىدارنى يۈكسەلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى تىكلەپ، ئىلمىي ھالقىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشلاردا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى ئۈنۈم، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى، بۇنىڭ بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى، شىمالىدا كىشىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىغان يېڭى تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىقتىسادتا زور ھالقىش بولغان، خەلق تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان، شەھەر، يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە زور ياخشىلىنىش بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەنگەن، ئىجتىمائىي ۋەزىيەت كۆرۈنەرلىك مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە