- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مىسىردىكى قالايمىقانچىلىقتا تەخمىنەن 60 ئادەم قازا قىلدى، ئاساسلىق پارتىيە ـ گۇرۇھلار زوراۋانلىق ھەرىكىتىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2013.02.01 15:47 مەنبە: خەلق تورى
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىردا قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن بىر ھەپتىدىن بۇيان، ھەر قايسى ئاساسلىق پارتىيە ـ گۇروھلار 31-يانىۋار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، زوراۋانلىق ھەرىكىتىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇماتتا، مىسىردا ئەڭ زور تەسىر كۈچكە ئىگە ئىسلام ئالىمى، مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئەزھەر ئىنىستىتۇتىنىڭ رەھبىرى ئەھمەدنىڭ چاقىرىقى ئاستىدا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى ۋە باشقا بىدئەت تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئەھمەد مۇنداق دېدى، سىياسىي شەخسىلەر بىرلىكىتە «مەملىكەت خاراكتېرلىك سۆزلىشىش» ئېلپ بېرىشى كېرەك. بۇ بۆلۈنمىچىلىكنى ھەل قىلىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇل.
26-يانۋار، سەئىد پورتىدا ئېچىلغان جىنايى ئىشلار سوتىدا بۇلتۇر سەئىد پورتىدا يۈز بەرگەن پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قالايمىقانچىلىق ھەرىكىتى ئۈستىدە چىقىرىلغان سوت ھۆكۈمىگە بولغان نارازىلىقتىن، سەئىد پورتى، سۇۋەيىش ۋە ئىسمائىلىيە قاتارلىق سۇۋەيىش قانال بويلىرىدىكى شەھەرلەردە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن. نۆۋەتتە نارازىلىق پائالىيىتى ۋە زوراۋانلىق ھەرىكىتىدە 60 ئادەم قازا قىلغان، ئىككى مىڭدەك ئادەم يارىلانغان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە