- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى رامكا كېلىشىمىنى ئېلان قىلدى
2013.01.30 17:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ مۇھىم پارلامېنت ئەزالىرى 28-يانۋار كۆچمەنلەر ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى رامكا كېلىشىمىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ مەزمۇنى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ پۇقرالىق سالاھىيتىگە ئېرىشىشنى ئادىل تەرتىپ بىلەن تەمىنلەش شۇنداقلا تەبىئىي پەن ئىختىساسلىقلىرىنى دەرىجىدىن تاشقىرى يېشىل كارتا سانى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاق ساراي ئارقىدىن بۇ لايىھەنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قانۇنسىز كۆچمەن مەسىلىسى ئىزچىل ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلە بولۇپ كەلدى، بۇ مەسىلىنى قانداق ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش- ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلەرنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن قانۇنسىز كۆچمەنلەر مىكسىكا قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن، بۇلارنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، لاتىن لاتىن ئامېرىكىسىدىكىلەرنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان سايلىغۇچىلارنىڭ سايلامغا بولغان تەسىرى بىلەن ئىككى چوڭ پارتىيە كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. بۇنىڭدىن ئاۋالقى ئىككى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنت سايلىمىدا لاتىن ئامېرىكىسىدىكىلەرنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان سايلىغۇچىلار ئوبامانىڭ مۇھىم قوللىغۇچىلىرى بولغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەر:
ئامېرىكىدا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى شەرتلىك «نوپۇسقا ئېلىش»تىن ئۈمىد بار
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە