باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قازاقىستاندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە شىنجاڭدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئاپەتكە ئۇچرىدى

2013.01.30 17:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى: 29-يانۋار قازاقىستاندا 6.1 بال يەر تەرەپ، بۇنىڭ تەسىرىدە شىنجاڭنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بىر قانچە ناھىيە، شەھەرلىرىدە ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشتى ياكى بۇزۇلدى، 20 مىڭ كىشى ئاپەتكە ئۇچرىدى.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بىر قانچە ناھىيە شەھىرى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ تەڭرى تېغى يېزىسى، شات يېزىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن بولغاچقا، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇچرىغان. 29-يانۋار سائەت 20 گە قەدەر بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق بەش ناھىيە شەھەردىكى 5681 ئائىلىلىكتىكى 20 مىڭ 421 كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان، 3209 ئائىلىنىڭ 7458 ئېغىز ئۆيى بۇزۇلغان، 78 ئائىلىلىكنىڭ 216 ئېغىز ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ئۇنىڭدىن باشقا 663 قوتان بۇزۇلغان، 44 قوتان ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

  موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئۇچرىغان زىيان تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، 4062 ئائىلىلىكتىكى 14 مىڭ 217 كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان، 93 ئائىلىلىكتىكى 379 كىشى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ 5255 ئېغىز ئۆي بۇزۇلغان، 202 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 590 قوتان بۇزۇلغان، 43 قوتان ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

  ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلار ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوشۇنى تەشكىللەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇردى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى تارقىتىپ بەردى ھەمدە ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئاممىغا چېدىر، ماي، گۇرۇچ، ئۇن، يوتقان، پاختىلىق چاپان، پاختىلىق ئىشتان، ئاياغ قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە