- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى كېلەر نۆۋەتلىك دۆلەت ئىشلىرى باش كاتىپى نامزاتىنى تەستىقلىدى
2013.01.30 17:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار ۋاشنگتوندىن بەرگەن خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى 29-چېسلا چۈشتىن كېيىن، كۆپ ئاۋاز ئۈستۈنلۈكى بىلەن پالاتا ئەزاسى يوھان كېررىينىڭ كېلەر نۆۋەتلىك دۆلەت ئىشلىرى باش كاتىپى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەستىقلىدى.
كېڭەش پالاتاسى دېپلوماتىك مۇناسىۋەت كومىتېتى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كېررىينى نامزاتلىققا كۆرسىتىشنى بىردەك تەستىقلىغاندىن كېيىن، كېڭەش پالاتاسى ئومۇمىي يىغىنى 3كە قارشى 94 ئاۋاز بىلەن كېررىينى بۇ نامزاتلىققا كۆرسىتىشنى تەستىقلىدى، كېررىي ئوباما يېڭى كابېنت ئەزالىرىدىن تۇنجى تەستىقلانغان نامزات بولۇپقالدى.(يى ئەيجۈن، رەن ۋېي خەۋىرى: جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە