- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ 2015-يىللىق پارچە سېتىلىش سوممىسى 37 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇلۇپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %20 كە يەتكۈزۈلىدۇ
2013.01.31 14:51 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
30-يانۋار ، ئۈرۈمچى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپىي جەمئىيىتىنىڭ 2012-يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى . يىغىندا ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاھىدە يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىيات لايىھەسى ›› (2011-يىلدىن 2015-يىلىغىچە) (تۆۋەندە قىسقارتىپ ‹‹لايىھە›› دەپ ئېلىنىدۇ) ئېلان قىلىندى .
‹‹لايىھە ›› گە ئاساسەن ، ‹‹12-بەش يىل ›› مەزگىلىدە ، شىنجاڭنىڭ يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى %20 گە يەتكۈزۈلۈپ ، 2015-يىلىغا بارغاندا ، شىنجاڭ يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 37 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇلىدىكەن . 2015-يىلىغا بارغاندا ، شىنجاڭنىڭ ئەسلىھەلىك تور نۇقتىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ ، كەسىپ كۆپ خىللىشىپ ، زامانىۋىي كەسىپ سىستېمىسى مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ ۋە ياخشىلىنىدىكەن ؛ قويۇق غەربىي يۇرت مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يېمەك-ئىچمەك كەسپىي بەرپا قىلىنىپ ، يەرلىك ئاھالە ۋە مەملىكەت ئىچى ، سىرتىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجى قامدىلىپ ، قۇلاي ، بىخەتەر بولغان يېمەك-ئىچمەك چوڭ بازىرى قۇرۇلىدىكەن .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، شىنجاڭنىڭ يېمەك-ئىچمەك ماركىسىدىمۇ يېڭىلىق يارىتىلىپ ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹جۇڭگو مۇسۇلمانلار يېمەك-ئىچمەك شەھەرچىسى ›› ۋە سانجى شەھىرىنىڭ ‹‹جۇڭگو خۇيزۇلار يېمەك-ئىچمەك يۇرتى ›› دېگەن نامى تۈرلۈك ۋاستىلەر ئارقىلىق يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلۈپ ، قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ، تەسىر كۈچى زور بولغان جۇڭخۇا يېمەك-ئىچمەك داڭلىق كوچىسىدىن 10 ى ، دۆلەت دەرىجىلىك يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت شەھەرچىسى ، ناھىيەسى ، كەنتىدىن 30 ى ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يېمەك-ئىچمەك كوچىسىدىن 50 ى قۇرۇلىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە