باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«كۆپ نوپۇس»لۇق ھادىسىسىنى قاتتىق تەكشۈرگەندە، «نوپۇس يوچۇقى»غا سەل قارىماسلىق لازىم

2013.01.30 17:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان «كۆپ نوپۇس»لۇق مەسىلىسىگە قارىتا، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ج خ ئورگانلىرى نۇپۇسنى قانۇنغا ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ بېجىرگەنلەرنىڭ بىرىنى بايقىسا بىرىنى قانۇن-ئىنتىزام بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ بۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ قەتئىي بولغانلىقى، جىددىي ھەرىكەت قوللانغانلىقى، بولۇپمۇ «نوپۇسنى ئېنىقلاش-رەتكە سېلىش خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش» توغرىسىدىكى ۋەدىسى كىشىلەرگە زور ئۈمىد بېغىشلىدى.

  «كۆپ نۇپۇس»لۇق ھادىسىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈش، نوپۇسقا ئېلىشتا ساقلانغان يوچۇقنى ئېتىش نوپۇسنى ئېنىقلاش-رەتكە سېلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىلىشقا تېگىشلىك ئىش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇئەللىپنىڭ قارىشىچە، نوپۇسنى ئېنىقلاش خىزمىتىدە يەنە مۇنداق رېيال مەسىلىنىمۇ كۆرۈش كېرەك: بەزىلەرنىڭ بىرقانچە نوپۇسى بار، بەزىلەرنىڭ بولسا نوپۇسى يوق؛ بەزىلەرنىڭ بىرقانچە كىملىك نومۇرى بولسا، بەزىلەر بىر كىملىك نومۇرىنى «ئورتاق ئىشلىتىدۇ». شۇڭا، «كۆپ نوپۇس»لۇق ھادىسىسىنى قاتتىق تەكشۈرگەندە، «نوپۇس يوچۇقى»غا سەل قارىماسلىق كېرەك، يەنى «قارا نوپۇس» مەسىلىسى ۋە ئوخشاش نومۇرلۇق كىملىك مەسىلىسىنىمۇ ئوبدان ھەل قىلىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە