- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىزاڭدا مىللىي كادىرلارنىڭ نىسبىتى %80تىن ئاشتى
2013.01.30 17:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار لخاسادىن بەرگەن خەۋىرى: 29-يانۋار، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، لوساڭ جياڭسۈن شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى، ئۇ 1965-يىلى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان سايلانغان زاڭزۇ رەئىسلەرنىڭ توققۇزىنچىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، شىزاڭدىكى 74 ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئىچىدە (ساھە بويىچە ياردەم بېرىشكە بارغان كادىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، زاڭزۇ كادىرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى %82.05نى ئىگىلەيدىكەن، 693 يېزا (بازار)نىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ئىچىدە، زاڭزۇ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى %80.06نى ئىگىلەيدىكەن.(لى خۇالىڭ، گو يارۇ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە