باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە بىرلەشمە قىسىم قۇرۇشنى قارار قىلدى

2013.01.30 17:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:ئەزەربەيجان ۋەزىيىتى ئاگېنتلىقىنىڭ 29-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان ۋە موڭغۇلىيە يېقىندا باكۇدا تۆت دۆلەت بىرلەشمە قىسمى قۇرۇش ھەققىدە قارار ماقۇللىغان.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: تۆت دۆلەت ۋەكىلى قاتناشقان قانۇن قوغداش ئورگانلىرى يىغىنى 23-يانۋار باكۇدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا تاكمى دەپ ئاتىلىدىغان بىرلەشمە قىسىم قۇرۇش قارار قىلىندى.

  تۈركىيەنىڭ ژاندارما قوماندانى كالىئاڭچى مۇنداق دېدى: بىرلەشمە قىسىم قۇرۇشتىن مەقسەت تۆت دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ قانۇن قوغداش ئورگانلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، قىسىمنىڭ ۋەزىپىسى قانۇن قوغداش ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، تۆت دۆلەت بىرلەشمە قىسمىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك رەئىسى تۈركىيە ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە