باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشنى قايتا تەكىتلىدى

2013.01.30 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 29-چېسلادىكى يىغىنىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تەپتىش ئورگانلىرى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ ۋە ئۇنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك-دىيانەت بولۇش قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. بولۇپمۇ چوڭ ۋە مۇھىم دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، چوڭ، مۇھىم دېلولارنى پاش قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇق قىلىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشتەك جىنايەت دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە