- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كورېيەنىڭ زۇڭلى نامزاتى كىم رۇڭجۈن نامزاتلىق سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچتى
2013.01.30 16:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
كورېيە زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش – ئۆتكۈزۈۋېلىش كومىتېتىنىڭ باش باياناتچىسى 29 – يانۋار سېئۇلدا: زۇڭلى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن كىم رۇڭجۈن نامزاتلىق سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچتى، دېدى.
ئۇ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: كىم رۇڭجۈن ئۆزى سەۋەبلىك خەلقنى قايغۇغا سېلىپ، سايلانغان زۇڭتۇڭ پاك گيۇنخايغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىشنى خالىمىدى، شۇ ۋەجىدىن زۇڭلى نامزاتىلىق سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچتى، دېدى.
پاك گيۇنخاي 24 – يانۋار كورېيە زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش – ئۆتكۈزۈۋېلىش كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم رۇڭجۈننى يېڭى زۇڭلى نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەنىدى. ئارقىدىن كورېيە تاراتقۇلىرى كىم رۇڭجۈننىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ بالا چېغىدا ئۆي – مۈلۈكگە ئىگە بولغانلىقى، مەبلىغىنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىيلىككە قاتنىشىش مەجبۇرىيىتىدىن تولۇق كەچۈرۈم قىلىنغانلىقىنى، كىم رۇڭجۈننىڭ جامائەتچىلىكنىڭ زور بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە