باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالاتاۋ شەھىرى دۆلىتىمىزنىڭ غەرپكە ئېچىۋېتىش چوڭ يولىنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ

2013.01.30 08:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1991 – يىلى قازاقىستانغا مال توشۇش ترانسىپورتى باشلانغاندىن بۇيان، ئالاتاۋ پورتى تۆمۈريول، تاشيول ۋە ئاۋىئاتسىيە ترانسىپورتى بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت 1 – دەرىجىلىك پورت ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئېنىرگىيە، بايلىق ئېكىسپورت قىلىدىغان چوڭ يولىغا ئايلاندى، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان پورتنىڭ ئېمپورت – ئېكىسپورت يۈك مىقدارىنىڭ ئېشىشى ۋە تاموژنا بېجى كىرىمى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە قۇرۇقلۇق پورتلىرى بويىچە 1 – ئورۇنغا ئۆتتى. بولۇپمۇ بۇلتۇر 17 – دېكابىر گوۋۇيۈن ئالاتاۋ شەھىرىنى رەسمىي قۇرۇشنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، قازاقىستان چېگرىسىغا 12 كىلومېتر كېلىدىغان بۇ يېڭى پورت شەھىرى نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ سىرتقا ئېچىۋىتىلگەن، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى بولۇپ قالدى.

  ــ رەئىس نۇر بەكرىنىڭ بۇ قېتىمقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» دا ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرىمىز. سىرتقا چىقىرىش، سىرتتىن كىرگۈزۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غەرىپكە ئېچىۋېتىلگەن چوڭ يولنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز، دېيىلدى، بۇنىڭلىق بىلەن بورتالا ئوبلاستى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى تېخىمۇ كۈچەيدى،- دېدى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل جاۋ چىڭ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا،- يېڭىدىن تەسىس قىلىغان پورت شەھىرى ئالاتاۋ پورتى ۋە بۇ يەردە تەسىس قىلىنغان ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى بۇندىن كېيىن بورتالا ئوبلاستى ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېشىش نۇقتىسى بولۇپلا قالماي، يەنە دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە بولغان ئېكىسپورت مىقدارىنىڭ ئېشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، ھازىرقى تەرەققىيات بويىچە ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 2015 – يىلىغا بارغاندا 1 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ، مېنىڭچە ئاپتونوم رايون ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون سىياسىتىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە فۇنكىسسىيەلىك ئۈنۈمىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، ئېمپورت قىلىغان ئېنىرگىيە بايلىقىنى شۇ جايدا پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى تەرەققىياتىنى تېزلەتسە، دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قازاقىستاننى تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە مۇراجىئەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ غەرىپكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىلسە، ئالاتاۋ پورتىنىڭ جۈملىنىڭ بورتالا ئوبلاستىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ ئېكىسپورت – ئېمپورت بازىسىغا ئايلىنىشىدا چوڭ مەسىلە يوق. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە