باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2013-يىلى 2- ئايدا شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار بازىرىدا توققۇز مەيدان خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2013.02.01 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  31-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىختىساسلىقلار بازىرىدىن ئىگىلىشىچە، 2013-يىلى 2-ئايدا توققۇز مەيدان ئوخشىمىغان تۈردىكى خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە، ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، توققۇز مەيدان خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنىغا ئالاقىدار خىزمەت ئورنلىرى ئاساسلىقى قۇرۇلۇش ياردەمچىسى، يېمەك ـ ئىچمەك، مېھمانساراي مۇلازىمىتى، مەمۇرىي خىزمەت، مالىيە، تور ئۇچۇر باشقۇرۇش، كاتىپ، بۆلۈم يېتەكچىسى، پركازچىك، تاللا بازار خىزمەتچىسى، سودا، مال ساتقۇچى ۋە باشقۇرغۇچى خادىم قاتارلىقلار ئىكەن.

  خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنى يىكەنكۆل شەرقىي يولى 19-نومۇر شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار بازىرى (شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى يېنىدا)غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر 104، 34،61،73-يول ئاپتۇبۇسلىرىغا شۇنداقلا BRT ئاپتوبوسنىڭ 3-،5-لىنىيەلىرىگە ئولتۇرسا بولىدۇ. (مۇخبىر خې يەن)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە