- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدىكى ‹‹ئەڭ گۈزەل تاشيول››دا ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسى ئېچىلىدۇ
2013.02.01 15:50 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تۈنۈگۈن (31-يانۋار)، مۇخبىرنىڭ قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، 2013-يىل ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭدىكى ‹‹ ئەڭ گۈزەل تاشيول ›› دەپ نام ئالغان مايتاغ-كۇچا تاشيولى ساياھەت مەخسۇس ئاپتوموبىلىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدىكەن . بۇ ۋاقىتتا، ساياھەتچىلەر بۇ 192 كىلومېتىرلىق داڭلىق مەنزىرە لىنىيەسىدە شىنجاڭنىڭ تەڭداشسىز گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، مايتاغدىن باشلىنىدىغان مايتاغ-كۇچا تاشيولى شىنجاڭدىكى داڭلىق مەنزىرە لىنىيەسى بولۇپ، ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن ، ساياھەت مەخسۇس ئاپتوموبىللىرى تەڭرىتاغ تاشيولىنى بويلاپ ، مايتاغ ۋە شىنجاڭدىكى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولغان نارات ئارىلىقىدا قاتنايدىكەن ، سەپەر جەريانىدا مايتاغدىكى چوڭ جىلغا ، چارما ، تاڭبالى ، كۆڭگۆسىنغول ، نارات قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا توختاپ ئۆتىدىكەن . بۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتە، بۇ لىنىيەنى بويلىغان ھالدا گېنېرال بۇتخانىسى ، چارما ۋە مۇزداۋان قاتارلىق ئۈچ مەنزىرە رايونى تەسىس قىلىشمۇ پىلانلانغان .
قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن جېنشىن مۇخبىرغا: ‹‹ بىز بۇ ساياھەت مەخسۇس ئاپتوموبىلى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى بۇ لىنىيەدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلاندۇرىمىز . نۆۋەتتە ، بۇ لىنىيەگە يەتتە ئاپتوموبىل سېلىشنى پىلانلىدۇق ، ساياھەتچىلەر مايتاغ رايونىغا بېرىپ يەتتە كىشىلىك ساياھەت ئاپتوموبىللىرىغا ئولتۇرۇپ لىنىيەنى بويلاپ ساياھەت قىلسا بولىدۇ ›› دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە