باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەيىرمەريەم: خەلقئارا مالىغا ياردەم ۋەزىپە ئۆمىكى 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقىرىشنى قارار قىلدى

2013.01.31 17:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، ئېفوفىيەنىڭ باش مىنىستىرى خەيىرمەريەم 28-يانۋار ئەددىس ئەبىبەدە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئافرىقا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا مالىغا ياردەم بېرىش ۋەزىپە ئۆمىكىنىڭ 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقىرىشنى قارار قىلدى ھەمدە بۇ تەدبىر خەلقئارا جەمئىيەتكە ئافرىقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئافرىقا مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ ئافرىقىنىڭ ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋاتىدۇ، دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزىدۇ، دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا مالى، ئوتتۇرا ئافرىقا، كونگو كىنشاسا قاتارلىق ئافرىقا رايونىدىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلەردىن خەلقئارا مالىغا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنى تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا شارائىت يارىتىپ، 29-يانۋار ئەددس ئەبىبەدە ئېچىلىدىغان مالى كىرىزىسىغا ئىئانە توپلاش يىغىنىغا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە