باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لى ميۇڭبەك: كورېيە «ئالەم پەنلىرى دەۋرى»گە قاراپ تۇنجى قەدەم تاشلىدى

2013.01.31 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-يانۋار سېئولدىن بەرگەن خەۋىرى: 30-چېسلا كورېيەنىڭ «نارو» ناملىق توشۇغۇچى راكېتاسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، كورېيە زۇڭتۇڭى لى ميۇڭبەك كورېيەنىڭ «ئالەم پەنلىرى دەۋرى»گە قاراپ رەسمىي قەدەم تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  كورېيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى بۇجېڭخېنىڭ ئاشكارىلىشىچە، لى ميۇڭبەك شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەمەلدارلار بىلەن بىرلىكتە «نارو» ناملىق توشۇغۇچى راكېتانى قويۇپ بېرىش ئەمەلىي ئەھۋالىنى تېلېۋىزوردىن كۆرگەن ھەمدە قويۇپ بېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتكەن.

  لى ميۇڭبەك مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «نارو» ناملىق توشۇغۇچى راكېتانىڭ غەلىبىلىك قويۇپ بېرىلىشى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بىزنىڭ ئىلگىرى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىز مەغلۇبىيەت ئەمەس، بەلكى غەلىبىگە ئېرىشىش جەريانىدۇر، بىز بۇ مۇۋەپپەقىيەتنى پۇرسەت بىلىپ، كورېيەنىڭ دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرىمىز ھەمدە 31-چېسلا سۈنئىي ھەمراھ سېگنالىنى غەلىبىلىك قوبۇل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  «نارو» ناملىق توشۇغۇچى راكېتا كورېيەنىڭ تۇنجى توشۇغۇچى راكېتاسى، ئەمما ئۇنىڭغا روسىيە ياسىغان بىرىنچى دەرىجە ئىشلىتىلگەن. بۇ راكېتا 2009-يىلى ۋە 2010-يىلى ئىككى قېتىم قويۇپ بېرىلىپ ئۇتۇقلۇق بولمىغان. بۇلتۇر 10-ئاي ۋە 11-ئايدا قويۇپ بېرىش پىلانى تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن بىكار قىلىنغانىدى.(جاڭ چىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە