باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە تۈتەك قاپلىغان دائىرە تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى

2013.01.30 17:04   مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەت بويىچە تۈتەك قاپلىغان دائىرە تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بيېجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئېلىمىزنىڭ قىسمەن شەھەرلىرى بىرنەچچە كۈندىن بۇيان كەڭ كۆلەملىك تۈتەكنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ھاۋا سۈپىتى روشەن تۆۋەنلىدى، تۈتەك قاپلىغان دائىرە 1 مىليون 300 مىڭ كىۋادرات كىلومىتېرغا يەتتى.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 29-چېسلا مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10گىچە، ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا-شەرق رايونلىرى تۈتەك ھاۋانىڭ تەسىرى بارغانسېرى كۈچەيدى، بېيجىڭ، تيەنجىن، شىجياجۇاڭ، جىنەن قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى 6-دەرىجىگە چۈشۈپ قېلىپ، ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاندى؛ جېڭجۇ، ۋۇخەن، شىئەن، خېفېي، نەنجىڭ، شېنياڭ، چاڭچۇن قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى 5-دەرىجىگە چۈشۈپ قېلىپ، پەۋقۇلئاددە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاندى.(گۇ رۇيجېن خەۋىرى: جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز