باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران ئۆزى ياسىغان راكىتادا تىرىك مايمۇننى بوشلۇققا چىقاردى

2013.01.29 13:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران 28-يانۋار ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆزى ياسىغان « يول ئاچقۇچى» ناملىق توشىغۇچى راكىتا بىلەن بىر تىرىك مايمۇننى بوشلۇققا چىقارغان.

  ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇنداق دېگەن: « مايمۇننى ئېلىپ ماڭغان ئالەم كېمىسى راكىتادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، يەر يۈزىدىن 120 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بەلگىلەنگەن ئوربىتاغا كىرگەن، ئارقىدىن پىلان بويىچە يەر شارىغا قايتىپ كەلگەن. ئالەم كېمىسى يەرگە قونغاندىن كېيىن، مۇكەممەل يىغىۋېلىنغان، مايمۇن غەلبىلىك ھالدا ھايات قالغان.

  ئىران بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەزى ھايۋانلارنى بوشلۇققا ئەۋەتكەن بولۇپ، بىر چاشقان، بىر تاشپاقا، بىر پارازىت قۇرۇت قاتارلىقلار بار ئىكەن. ئەمما، ئىران 2011-يىلى بىر مايمۇننى بوشلۇققا ئەۋەتىپ مەغلۇب بولغان، ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن ئىدى.

  ئىران ئالەم گۇرۇپپىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى خەمىد فازىلى ئىلگىرى بۇ تۈرنىڭ ئىران ئاۋىئاتسىيە خادىمىنى بوشلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە