باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

نازارەتچىلىك قىلىش تەكشۈرۈش مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 2013-يىللىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولىدۇ

2013.01.25 14:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە تۈنۈگۈن 2013-يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئېلان قىلىندى، «نازارەتچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش» تىن ئىبارەت مەزمۇنلار «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 2013-يىلىدىكى خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى» بولدى.

  مائارىپ سۈپىتىدىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق مەسىلىگە قارىتا، ھۆججەتتە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى:«ئاساسىي مائارىپ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، مائارىپ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىش»، «ئالىي كەسپىي مائارىپ سۈپىتى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىش»، «تولۇق كۇرس ئوقۇتۇش سۈپىتى يىللىق دوكلاتىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىش»، «ئىلمىي ئۇنۋان ۋە ئاسپىرانتلىق مائارىپىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش»، «يەسلى مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مەكتەپ مائارىپى ۋە ئالاھىدە مائارىپ قاتارلىقلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ باھالاش ۋە سۈپىتىنى نازارەت قىلىش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسى ، چارىسى» قاتارلىقلارنى تۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  مۇخبىرنىڭ دىققەت قىلىشىچە، يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدىكى بەزى مەزمۇنلار يېڭى يىل يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان، مەسىلەن: يەسلى مائارىپى ساھەسىدە ھۆججەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «3 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىنى» ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش. نۆل ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلار مائارىپى سىنىقى قانات يايدۇرۇلۇپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەرنى سەپلەش ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقىش قاتارلىقلار يېقىندا يولغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە