باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

چياڭشېڭ بوۋاقلار مەھسۇلاتلىرى ساختا تەشۋىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن جەرىمانە قويۇلغان بۇ مەھسۇلاتلار گۇاڭجۇدا سېتىلىۋېتىپتۇ

2013.01.29 13:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان چىياڭشېڭ «بوۋاقلار كالا سۈتى ئوزۇقلۇق يۈز مىيى» قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئەسلى تەشۋىقاتتىكى «مىدىتسىنادا ئىسپاتلىنىشىچە» دېگەن سۆز «پەن ـ تېخنىكا ئىسپاتلىدىكى» غا ئۆزگەرتىلگەن.

   بۇ شىركەت مىدىتسىنادا ئىسپاتلانغانلىق ماتېرىياللىرىنى يۇقىرىغا تاپشۇرغانلىقىنى، بىراق خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەشۋىقات سۆزىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېيتتى

  چياڭشېڭ (جۇڭگو) چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان «بوۋاقلار كالا سۈتى ئوزۇقلۇق يۈز مېيى» قاتارلىق مەھسۇلاتلار «مىدىتسىنادا ئىسپاتلىنىشىچە، ساپ ۋە يېقىشلىق بولۇپ، تېرىگە سىناق قىلىشتىن ئۆتكەن. تېرىگە ئاسانلىقچە رىئاكسىيە قىلمايدۇ»، بۇ تەشۋىقات خۇبېي شىياۋگەن شەھەرلىك سودا ـ سانائەت ئىدارىسى تەرىپىدىن ساختا تەشۋىقات دەپ قارالغان، ھەمدە 80 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان. چياڭشېڭمۇ جەرىمانىنى تاپشۇرغان. مۇخبىر تۈنۈگۈن گۇاڭجۇ بازىرىغا كىرگەندە يەرلىكتىكى تاللا بازارلىرىدا بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ يەنىلا سېتىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.

   چياڭشېڭ جەرىمانىنى تاپشۇرۇپ بولغان

  ئىگىلىنىشىچە، چياڭشېڭ «بوۋاقلار كالا سۈتى ئۇزۇقلۇق يۈز مىيى» قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەشۋىقاتىدىكى «مىدىتسىنادا ئىسپاتلىنىشىچە، ساپ ۋە يىقىشلىق بولۇپ، تېرىگە سىناق قىلىشتىن ئۆتكەن، تېرىگە ئاسانلىقچە رىئاكسىيە قىلمايدۇ» دېگەن سۆزلەر مەھسۇلاتقا نىسبەتەن كشىدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ، ئىستىمالچىلارنى خاتا يېتەكلەيدىغان بولغانلىقتىن، شياۋگەن شەھەرلىك سودا ـ سانائەت ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈلگەن. تاراتقۇلارنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، شياۋگەن شەھەرلىك سودا ـ سانائەت ئىدارىسى چياڭشېڭدىن باشقا مەھسۇلاتلىرىنىڭ مېدىتسىنالىق ئىسپاتى ۋە ئالاقىدار گۇۋاھنامىلىرىنى تەلەپ قىلغان، بىراق شىركەت ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇپ ۋاقتىدا تەمىنلەپ بەرمىگەن.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە