باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

شىنجاڭدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدا يېڭى بەلگىلىمە ئورنىتىلدى

تەنتەربىيە، سەنئەت نەتىجىسى 150 نومۇرنى ئىگىلەيدۇ

2013.01.23 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى.22-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، سەنئەت كەسىپلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئومۇميۈزلۈك ئادەم تەربىيلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىللىق تولۇق ئوتتۇرا ئىمتىھانىدا سەنئەت تۈرى كۆپەيتىلگەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزى ناخشا- مۇزىكا ۋە گۈزەل- سەنئەت تۈرىدىن خالىغان بىرىنى تاللىسا بولىدىكەن، بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي نومۇرى 50 نومۇر؛ تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش تەنتەربىيە ئىمتىھان نومۇرى 70 نومۇردىن 100 نومۇرغا كۆپەيتىلگەن. بۇ تەدبىر «دۆلەتلىك ئوقۇغۇچىلار بەدەن ساپاسى ساغلاملىق ئۆلچىمى» ۋە «تەنتەربىيە، سەنئەت 2+1 تۈرى» خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ھېساپلىنىدۇ.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە، سەنئەت ئىمتىھانىغا ئالاقىدار يېتەكچى پىكىرلەرنى بەلگىلەۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە