باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

قازاقىستان رۇسىيە بىلەن راكېتا قويپ بېرىش مەيدانى مەسىلىسىنى كېڭەشمەكتە

2013.01.25 14:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەدە چىقىدىغان «خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنستىرلىقى تۈنۈگۈن قازاقىستانغا رەسمىي نوتا تاپشۇرۇپ، ئەگەر رۇسىيەنىڭ بەكرىنۇر قويۇپ بېرىش مەيدانىدىكى راكېتا قويۇپ بېرىشى چەكلىمىگە ئۇچرىسا، رۇسىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق ئالەم ھەمكارلىق تۈرى ئۈزۈلۈپ قىلىشى مۇمكىن، دېگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئىدرىسوف تۈنۈگۈن موسكۋاغا بېرىپ، رۇسىيە بىلەن قويۇپ بېرىش مەيدانىنى ئىشلىتىش مەسىلىسىنى كېڭەشكەن.

  قازاقىستان بۇ يىل 1-ئايدا رۇسىيە ئالەم تارماقلىرى تاپشۇرغان 2013-يىلى بەكرىنۇر قويۇپ بېرىش مەيدانىنى راكېتا قويۇپ بېرىشكە ئىشلىتىش پىلانىنى تەستىقلىغان، رۇسىيە ئەسلىي پىلان بويىچە قويۇپ بېرىدىغان 17 «پىروتون» راكېتاسى قازاقىستان تەرىپىدىن ئازىلتىپ 12گە چۈشۈپ قالغان، بۇ رۇسىيەنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇنىڭدىن باشقا قازاقىستان يەنە ئالاقىدار خەلقئارا كېلىشىم ئىمزالىغاندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ «ئىتتىپاق» راكېتاسىنى قويۇپ بېرىشكە ئېھتىياجلىق بولغان قالدۇق چۈشۈدىغان رايون ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  نۆۋەتتە رۇسىيە تەۋەسىدە ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان قويۇپ بېرىش مەيدانى يوق. بەكرىنۇر قويۇپ بېرىش مەيدانىنى چەكلەش رۇسىيەنىڭ بۇ يىلقى راكېتا قويۇپ بېرىش پىلانىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە