باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

تاجىكىستان ئالاھىدە ساقچى قىسمى 30 كىلوگرام خىروئىننى قولغا چۈشۈردى

2013.01.23 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، تاجىكسىتان ئالاھىدە ساقچى قىسمى تاجىكىستاننىڭ شىمالىدىكى بىر قېتىملىق ئالاھىدە ھەرىكەتتە ئىمپورت قىلىنغان بىر ئاپتوموبىلنى قولغا چۈشۈرگەن، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ مەخپىي نەرسە ـ كېرەك قويۇدىغان جايىدىن بۇ يىلقى ئەڭ زور زەھەر دېلوسى ــ 30 كىلوگرام يۇقىرى ساپلىقتىكى ئافغانىستان خىروئىنىنى قولغا چۈشۈرگەن.

  خەلقئارا ئاخبارات تارقىتىش تېلېگراممىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تاجىكىستان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاممىۋى مۇناسىۋەت مەركىزى بۇ خەۋەرنى تارقاتقان. تاجىكىستان تەرەپ دۈشەنبىگە 350 كىلومېتىر كېلىدىغان،تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبىكىستان ئۈچ دۆلەت چېگرىسىدا بۇ ئالاھىدە ھەرىكەتنى ئىجرا قىلىپ، ئاپتوموبىلدىكىلەرنى قولغا ئالغان. يىل بېشىدىن باشلاپ، دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى خادىملىرى 180 كىلوگرام زەھەرلىك بويۇمنى قولغا چۈشۈرگەن.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن %20 ئافغانىستاندىكى زەرھەرلىك بويۇم «شىمالىي لىنىيە» ــ تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبىكىستان ئارقىلىق توشۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە