باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەردە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتىتى قۇرۇش تەييارلىقلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، قەشقەر ئالاھىدە تەرەققىيات رايونى بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىدىكەن

2013.01.28 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «تەخمىنەن 1 مىليارد 500 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەنگەن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتىتى جىددىي تۈردە قۇرۇلۇۋاتىدۇ. نۆۋەتتە چېقىش – كۆچۈرۈش خىراجىتى 100 مىليۇن يۈەنگە يەتتى. 27-يانۋار، ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا قاتناشقان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋەكىلى، قەشقەر شەھەرلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتىتېنىڭ شۇجىسى چېن شۈگۇاڭ شۇنداق دېدى.

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى چاقىرىلغاندىن كېيىن، قەشقەر ئىقتىسادىي ئالاھىدە تەرەققىيات رايونى ئىشقا كىرىشتى، 2011-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە ۋە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئۇنىۋېرسال قەشقەر ئۇنىۋېرسىتىتى قۇرۇش ئىستىراتىگىيەلىك پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. 2012-يىلى 5-ئايدا، ئىنچىكە تەكشۈرۈش ۋە پۇختا دەلىللەش ئارقىلىق، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە بىرلىشىپ «قەشقەر ئۇنىۋېرسىتىتى قۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقاتتى. بۇ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتىتى قۇرۇش خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە