- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قازاقىستاندا 6.1 بال يەر تەۋرىدى
2013.01.29 13:22 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. جۇڭگو يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىستانسىسى تورىنىڭ ئۆلچىشىچە، 29-يانۋار سائەت 00:38 مىنۇت 55 سىكۇنت ئۆتكەندە، قازاقىستاننىڭ شىمالىدا (شىمالىي كەڭلىك 42.6 گىرادۇس، شەرقىي مېرىدىئان 79.7 گىرادۇس) 6.1 بال يەر تەۋرىگەن، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 20 كىلومېتىر ئىكەن. 29-يانۋار سائەت 00:46 مىنۇت 52 سىكۇنت ئۆتكەندە، قازاقىستاننىڭ شىمالىدا (شىمالىي كەڭلىك 42.5 گىرادۇس، شەرقىي مېرىدىئان 79.6 گىرادۇس) 3.4 بال يەر تەۋرىگەن، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 كىلومېتىر ئىكەن.
19 مىنۇتتىن كېيىن، يەنە 4 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن بولۇپ، يەر تەۋرەش دەرىجىسىنىڭ ھەممىسى 3 بالدىن يۇقىرى ئىكەن. شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا يەر تەۋرەشنى كۆرۈنەرلىك ھېس قىلغىلى بولغان. نۆۋەتتە ئادەملەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى، مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات تاپشۇرۇپ ئېلىنمىغان. يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن رايوندىكى ئاپەت ئەھۋالى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىۋاتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە