باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران: سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلىش ئىرانغا تاجاۋۇز قىلغانلىق ھېسابلىندۇ

2013.01.28 14:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراننىڭ ئەڭ ئالى داھىيسى ئاياتۇللا سەيىد ئەلى خامەني(Ayatollah Seyyed Ali Khamenei)نىڭ ياردەمچىسى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: سۈرىيەگە قىلىنغان ھەرقانداق ھۇجۇم ھەرىكىتى ئىران ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قىلىنغان تاجاۋۇزلۇق ھېسابلىنىدۇ.

  خامەنىينىڭ ياردەمچىسى مۇنداق دېگەن: «سۈرىيە تاجاۋۇزچىلارغا قەتئى قارشى تۇرۇش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز سۈرىيەگە تاجاۋۇز قىلغانلىق ئىران ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق دەپ قارايمىز.»

  ئىران، سۈرىيە پىرېزدېنتى بەشىر ئەسەد ھاكىميىتىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلىتى، شۇنداقلا دەمەشىقنى ئىسرائىلىيە ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرىگە قارشى تۇرىدىغان ماياك دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن ئاۋۋال تېھران تەرەپ ئاگاھلاندۇرۇپ، بەشىر ئەسەدنىڭ تەختتىن چۈشۈشىگە قارشى تۇرغان ئىدى. بەشىر ئەسەد ھازىر ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇۋەتمەكچى بولغان قۇراللىق ئۆكتىچىلەر بىلەن كۈرەش قىلماقتا.

  سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ توقۇنۇشى بۈگۈنگە قەدەر بىر يېرىم يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، سۈرىيە توقۇنۇشىدا 60 مىڭ ئادەم قۇربان بولغان، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان قۇراللىق ئۇنسۇرلارنى چەتئەل كۈچلىرى قوللىغانمىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە