باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون بايانات ئېلان قىلىپ، بىرازىلىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى

2013.01.29 15:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 27-يانۋار باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، بىرازىلىيەنىڭ بەزمىخانىسىدىكى ئوت ئاپىتىدە ئېغىر ئۆلۈم-يىتىم پەيدا بولغانلىقىغا چوڭقۇر قايغۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  باياناتدا مۇنداق دېيىلدى: بان كىمون بىرازىلىيەدىكى بىر بەزمىخانىدا 27-يانۋار ئەتىگەندە پاجىئەلىك ئۆت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ياشلارنىڭ قازا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن قايغۇردى. باياناتدا مۇنداق دېيىلدى: بىرازىلىيە قايغۇ ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندا، بان كىمون ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن ھال سورىدى.

  27-يانۋار ئەتىگەندە، مارىيە شەھىرى مەركىزىدىكى بىر بەزمىخانىدا ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 231 كىشى قازا قىلدى، بۇ بىرازىلىيەدىكى يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيان ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار ئەڭ كۆپ بولغان پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە