- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كورېيە، ئامېرىكا، ياپونىيە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش يىغىنىدا چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ
2013.01.29 16:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى: كورېيە دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 27-يانۋار مۇنداق دېدى: كورېيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىدارە دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇپ تەڭ بەھرىمەن بولۇش ھەمدە چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن، 30-يانۋار ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئامانلىقنى ساقلاش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.
بۇ مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كورېيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ئامانلىقنى ساقلاش يىغىنى تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ھەمدە ئورتاق ھەمكارلىشىشنىڭ لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەن توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ماقۇللىغانلىقىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنىڭ دەرىجىسىنى بىر قەدەر يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. شۇڭا چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار تېمىلار ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 27-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە: چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئون نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تاشقى تارماقلارنىڭ خىزمەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئىچىپ، ئەمەلىي ۋە يۈكسەك كۈچلۈك بولغان دۆلەتنىڭ زور تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە