باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مېھرىبان كىشىلەر شىنجاڭدىكى 8 باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 2306 يۈرۈش پاختىلىق چاپان ياردەم قىلدى

2013.01.28 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. « يېڭى يىلدا يېڭى كىيىم ‹ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى› شىنجاڭ بېكىتى»دىكى پائالىيەتتە يىغىلغان ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى 2306 يۈرۈش يېڭى پاختىلىق چاپان شىنجاڭنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى 8 باشلانغۇچ مەكتەپ (ئوقۇتۇش نۇقتىسى) غا يەتكۈزۈلۈپ، بالىلارغا يېڭى يىللىق سوۋغات بېرىلدى.

  بۇ ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى كىيىملەرنى توپلاش جەريانىدا، گۇاڭدۇڭ فۇشەن جىنلەن كىيىم تىكىش زاۋۇتى لەندۇدۇ بالىلار كىيىم ماركىسى 1016 يۈرۈش، شىنجاڭ تىبىبىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق 1-دوختۇرخانا 879 يۈرۈش، شىنجاڭ يىجۈن فۇشۈي سودا چەكلىك شىركىتى 245 يۈرۈش يېڭى پاختىلىق چاپان سوۋغا قىلدى. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكى مېھرىبان كىشىلەر « يېڭى يىلدا يېڭى كىيىم» ئىللىقلىق يەتكۈرۈش پائالىيىتىگە كۈچ چىقىرىپ، بالىلارنىڭ يېڭى يىلدا يېڭى كىيىم كىيىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە