باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېڭىچە رايون ھالقىغان رايون ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقىنى ئورنىتىش توغرىسىدا ۋەدە قىلىشتى

2013.01.29 16:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى: چىلى پىرېزىدېنتى پىنىرىللا 27- يانۋار لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدىن كىيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر يېڭىچە رايون ھالقىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاق قۇرۇپ، بازارنى ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودا ھامىيلىچىلىقىنى توسۇشقا بىردەك قوشۇلدى. پىنىرىللا مۇنداق دېدى: سانتياگو باياناتىدىكى يېڭىچە ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاق قۇرۇش توغرىسىدىكى قارار، ھەر قايسى دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ بىردەك ۋەدىسى. پىنىرىللا كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بار دۆلەتلەر قىيىنچىلىقى بار دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىپلا قالماستىن، بەلكى بارلىق دۆلەتلەرگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى، ئەگەر دۇنيادا يېرىم دۆلەت ئارقىغا چېكىنىش ئىچىگە كىرىپ قالسا، باشقا يىرىم دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىنىڭ قىيىنلىقىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى 26-. 27- يانۋار چىلىنىڭ پايتەختى سانتىياگودا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ماقۇللانغان سانتياگو باياناتىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ماسلاشقان مۇناسىۋىتى ئورنىتىشدىن مەقسەت لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ رايوننىڭ ئىقتىسادىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشدىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە