كورىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش مۇراسىمى 25-فېۋرال ئۆتكۈزۈلىدۇ
2013.01.29 16:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى: كورىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىشىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىتېت باشلىقى كىم جىنسان 27-يانۋاردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش ئالدىدا تۇرغان پىرېزىدېنت پاك گۇنھىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش مۇراسىمىنىڭ باش تېمىسى، سىمۋول نۇسخىسى ۋە پلاكات سۆزىنى ئېلان قىلدى. ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش مۇراسىمى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، باش تېمىسى:بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرىش.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە