باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئونمىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى

2013.01.28 13:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:ئۆتكەن يىلى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 10189ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، 25-يانۋار ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا يېڭى سان سىپىرلار كۆرۈلدى، مانا بۇ سانلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تەخمىنەن 4 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى يۇقىرى بولۇپ، ئىچكى موڭغۇل بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايونىدىكى ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن ئۆلكە بولۇپ قالدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش قەدىمىنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات سۈرئىتىدە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى باتېر دوكلاتتا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: 2007-يىلدىن 2012-يىلغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 642 مىليارد 320 مىليون يۈەندىن 1 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا %15.1 ئاشتى، يەرلىك مالىيە ئومۇمىي كىرىمى 83 مىليارد 550 مىليون يۈەندىن 249 مىليارد 730 مىليون يۈەنگە كۆپىيىپ، يىلىغا %24.5 ئاشتى، بەش يىلدا تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 4 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن بۇيان سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %72نى ئىگەللىدى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى نەچچە مىڭ يىل كۆرۈلۈپ باقمىغان تارىخىي ئۆزگىرىشكە شاھىد بولماقتا، ئىقتىسادىي قۇرۇلما جەھەتتە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى باشلامچى قىلىشتىن سانائەتنى باشلامچى قىلىشقا ئۆزگەردى، سانائەت سالمىقى 2007-يىلدىكى %43.3 دىن 2012-يىلدىكى %49.8 گە يەتتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلما جەھەتتە دېھقان، چارۋىچىلار نوپۇسى ئاساسىي گەۋدە بولۇشتىن شەھەر بازار نوپۇسى ئاساسىي گەۋدە بولۇشقا ئۆزگەردى، شەھەر بازارلىشىش نىسبىتى %50.2 دىن %57.7 گە ئۆستى، بولۇپمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ ئاساسىي ئورنىنى قۇربان قىلمىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچى 13 رايون، بەش چوڭ تاۋار ئاشلىق بازىسىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، 2012-يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتى تۇنجى قېتىم 50 مىليارد جىڭلىق چوڭ ئۆتكەلدىن ئېشىپ، 50 مىليارد 570 مىليون جىڭغا يەتتى، چارۋىچىلىقنى تۈجۈپلەشتۈرۈش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، چارۋا سانى ئۇدا 8 يىل 100 مىليون تۇياقتىن ئاشتى، سۈت، تىۋىت، قوي گۆشى مەھسۇلاتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنى ئورۇندا تۇردى، ئېكولوگىيەنى قوغداشتا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلدى، 1 مىليارد 20 مىليون مو پايدىلانغىلى بولىدىغان ئوتلاقنىڭ ھەممىسى ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مۇكاپات دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇنقىدىن 5.4 پوئىنت ئاشتى.

  ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىمۇ تەڭ قەدەمدە ئاشتى، 2012-يىلى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى 23150 يۈەنگە، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ 7611يۈەنگە يېتىپ، %12 ئاشۇرۇش نىشان ۋەزىپىسى ئورۇندالدى، بولۇپمۇ دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى بىرقەدەر تېز ئاشتى، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىيەتتە %11.8 ئېشىپ، شەھەر بازار ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي %11.7 لىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىنمۇ يۇقىرى بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە