- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكىدا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى شەرتلىك «نوپۇسقا ئېلىش»تىن ئۈمىد بار
2013.01.30 17:34 مەنبە: خەلق تورى
1-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما نېۋادا شتاتىنىڭ لاسۋىگاس شەھرىدە كۆچمەنلەر خىزمىتى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى مەسىلىسى توغرىسىدا نوتۇق سۆزلىدى. بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يۇقىرى پالاتاسىدىن ئىككى پارتىيەنىڭ 8 نەپەر مۇھىم پالاتا ئەزاسى بىرلىكتە كۆچمەنلەر خىزمىتى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى توغرىسىدا قانۇن چىقىرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئوبامانىڭ 1-قېتىملىق زۇڭتۇڭلۇق مۇددىتى ئىچىدە، دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ پارتىيە-گۇرۇھ ھالقىپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىش يوق دېيەرلىك ئىدى. بۇ قېتىم قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ ئالدى بىلەن ئاق سارايدا ئىسلاھات چاقىرىقىنى چىقىرىشى تېخىمۇ يېڭىلىق بولدى. ئامېرىكا چېگرىسى ئىچىدىكى نەچچە مىليونلىغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قانداق يول بىلەن «يېشىل كارتا»غا ئېرىشتۈرۈش ياكى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈش قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە