- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كۆكتات باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى
2013.01.30 17:33 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرنى قوللىنىپ، بازار تەمىناتىغا ۋە باھانىڭ ئاساسىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوبوروت ھالقىسىنى ئازايتىش كېرەك. سودا، يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى ۋە تەمىنات-سودا كوپىراتىپلىرى ئىشلەپچىقىرىش رايونىدىكى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرىدىغان باشلامچى كارخانىلارنى تاللا بازار قاتارلىق چوڭ ئوبوروت كارخانىلىرى، مەكتەپ، مېھمانساراي قاتارلىق ئاخىرقى ئىستېمالچىلار بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشى، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر ئەتراپىدىكى كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ مەھەللىلەردە بىۋاسىتە كۆكتات تەمىنلەش-سېتىش نۇقتىسى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىشى، توپ تارقىتىش بازارلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، دېھقانلار ئۆزى ئىشلەپچىقارغان كۆكتاتلىرىنى ئۆزى ساتىدىغان مەخسۇس رايون قۇرۇش ھەمدە ئىجارە ھەققى، يايما ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى ئازايتىش ياكى كۆتۈرۈۋېتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە