باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لوراڭ گۇڭچيۇ، لوراڭ سەيراڭنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى ئۈستىدە سوت ئېچىلدى

2013.01.28 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار ئابادىن بەرگەن خەۋىرى: 26-يانۋار سىچۈەن ئۆلكىسى ئابا زاڭزۇ-چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار لوراڭ گۇڭچيۇ، لوراڭ سەيراڭنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئاچتى.

  ئابا زاڭزۇ-چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى، جاۋابكار لوراڭ گوڭچيۇ، لوراڭ سەيراڭ چېگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى ئارقىسىدا تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش دېلوسىنى پىلانلاپ، 8 ئادەمنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشىغا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ ۋە ياردەم بېرىپ، ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات راست ھەم تولۇق، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 232-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈلگەن بۇ جىنايەتتە لوراڭ گۇڭچيۇ باش جىنايەتچى، لوراڭ سەيراڭ ئەگەشكۈچى جىنايەتچى.(جاڭ يىشۈەن خەۋىرى؛جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  ئالاقىدار خەۋەر

  چىڭخەي ساقچى دائىرىلىرى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش دېلوسىنى پاش قىلدى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە